cover

Setiwat - Abdiwaki-Turdiahmat

Setiwat-Abdiwaki-Turdiahmat.mp3
作词 : Abdiwaki-Turdiahmat 作曲 : Abdiwaki-Turdiah...
作词 : Abdiwaki-Turdiahmat
作曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
编曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
تېكىست مۇزىكىسى خەلقنىڭ
 دۇتتاردا :ئابدۇۋاقى تۇردى ئەخمەت
مەندەك ئەرزان دوست نەدە بار,سېتىۋەت 
 پۇرسەت تاپساڭ تۇمشۇقۇمنى چېقىۋەت 
 ھاجەت بولساڭ دەردلىرىڭگە مەن تەييار 
 ئەسقاتمىسام ئاقماس قاتارغا قېتىۋەت 
 نېمە بولسام بولمامدىمەن سەن ياشا 
 نەزىرىڭدە سەن يىڭناغۇچ مەن پاشا 
 يىقىلپ چۈشەي ساڭا بولسۇن تاماشا 
 بولسا ئۇ يەر, ماڭماي تۇراي پۇتلىۋەت 
 بارچە ياخشى ئىشنىڭ , ئېتى سەنلا بول 
 يامانلىققا مەنلا قالاي ، بۇلاي قۇل .
 بىز دوست ئەمەس ، نەزىرىڭدە دوستۇڭ پۇل 
 يانچۇقۇمغا قوللىرىڭنى قويۇۋەت .
 ئېگىز ئەمەس ، مېنىڭ بويۇم سەنچىلىك 
 بولسا مېنى كۆرمىدى دەپ ,دەسسىۋەت 
 بۇيرۇق بەرسە ، خۇمسى دوستۇمدىن بېرى 
 دوستۇم دېمەي مېھرىمىزنى جايلىۋەت 
 مەندەك ئەرزان دوست نەدە بار سېتىۋەت 
 پۇرسەت تاپساڭ تۇمشۇقۇمنى چېقىۋەت 
 ھاجەت بولساڭ دەردلىرىڭگە ، مەن تەييار 
 ئەسقاتمىسام ئاقماس قاتارغا قېتىۋەت
展开