cover

U mining atam (Uyghur) - Ablajan Awut Ayup

U mining atam (Uyghur)-Ablajan Awut Ayup.mp3
作词 : Ablajan Awut Ayup 作曲 : Ablajan Awut Ayup...
作词 : Ablajan Awut Ayup
作曲 : Ablajan Awut Ayup
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ


1.كۇبلىت :
كۆڭلۈڭ كەڭرى دىڭىز دەي دىسەم،
دىڭىز كىچىك ئۇنىڭ چىكى بار.
ئىللىق باغرىڭ بىر گۈلخان دىسەم،
مىھرىڭدەك ئۆچمەس گۈلخان نەدە بار.

ئوتۇشمە :
بەردىڭ سەن ئايىماستىن،
تۈگىمەس مىھرى مۇھەببىتىڭ،
ئاتاپ ئۆمرۈڭ ۋە بارلىغىڭ پەقەت ئۆزۈڭ ئويلىماستىن،
سەن.
ئارزۇلاپ زىرىكمەستىن،
ئۈگەتتىڭ ماڭا ئەر بولماقنى،
توختىماي كۈرەش قىلماقنى يىڭىلمەي تىز پۈكمەستىن .

قايتارما :
ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان،
ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان،
يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان،
ئۇ مىنىڭ ئاتام.

قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن،
پەرزەنىت ئىشقىدا بولغان دەرىتمەن،
يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن،
ئۇ مىنىڭ ئاتام.



2.كۇبلىت :
جانىم ئاتا كۆڭلۈڭ توق تۇرسۇن،
ئوغلۇڭ داۋام قىلسۇن يولۇڭنى.
ساڭا چەكسىز بەخىت يار بولسۇن،
قۇت تۆرىدە كۈلدۈرەي سىنى.

ئۆتۈشمە :
مەردانە سېياقىڭدىن،
كۆيۈمچان چېرايىڭدىن،
ھېس قىلىمەن زادى نېمە ھەقىقىي سۆيگۈ دىگەن،
مەن.
جاپالىق كەچمىشىڭدىن،
ئىگىز-پەس ئۆتمۈشىڭدىن،
تاپىمەن شۇنداق مانا بۇ ھايات دىگەن.




















چوڭ ئۆتۈشمە :
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ساڭا نەچچە مىڭ رەت تەشەككۈر ئاتا،
بەخىت يار بولسۇن ساڭا.

ئۇ مىنىڭ ئاتام
مىنى بىر يىگىت قىلغان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
باغرى ئاتەشكە تولغان
ئۇ مىنىڭ ئاتام
ماڭا ئومۇر بويى ئاتاپ بەختىنى ۋە تەخىتىنى
ئوزى كۆيۈپ كۈل بولغان.
展开