Qatma Nahxa - Nijat WaliYakup
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Heliq
作曲 : Heliq
编曲:Keramjan Mamatali
باغقا كىردىم گۈللەر ئۈزدۈم تولدۇرۇپ بىلەكىمگە
،ئىشقى ئوتىنى سالىدىڭ كۆيدۈرۈپ يۈرەكىمگە ،
ئاسماندىكى ئايىمسەن كۆڭلۈمدىكى يار،
ۋەسلىڭ ئىزلەپ بۇ يۈرەك بولدى پارە پار.
قولۇڭ ئۇزات باغرىڭغا ئال باغرى كاۋاپنى ،
تەشنا يۈرەك سەندىن كۈتەر ئوبدان جاۋاپنى..
كۆيمىدى دەمسەن يار مىنى
، كۈل بولۇشنىڭ ئورنى يوق،
كۈيۈپ كۈل بولغان ئاشۇ يۈرەككە
سۇ سېپىشنىڭ ئورنى يوق.
يار بىلەن ئىچسەم شاراپ، بىر پىيالە تولمىدى ،
ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىۋارى بولمىدى.
گۈل غۇنچە چىمەن غۇنچە گۈلزاردا تۈمەن غۇنچە
غۇنچە گۈللەر ئوخشامدۇ بىزنىڭ يار لىۋەن شۇنچە،
ئاتىسى ئۆلمىگەن كىم بار ،ئانىسى ئۆلمىگەن كىم بار
ئاتا -ئانىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولمىغان كىم بار.
يارسىنى پاناھ تارتىپ ئايۋانىڭدا ياتايمۇ
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە سىنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ.
ئەي... ھەسرەت چەكتىم،
ھوي يارنى سېغىندىم
展开