Suymisam - Askar Muhtar
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Karakax
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
تاغ بولسىمۇ قەلبىڭگە قالقان،
چېغىر يوللار پۈتكەي ئۆلمىسەم.
دەردىڭ دىلنى قىلسىمۇ تالقان،
سۆيەرىم يوق سېنى سۆيمىسەم.
تاش ئىچىدىن چىقىمەن كۆكلەپ،
پەقەت بىرلا ۋەسلىڭنى تېلەپ،
قايناپ كېتەر يۈرەگىمدە خەپ،
قەلبىم قۇرۇق سېنى سۆيمىسەم.
كۈلگەن يۈزلەر يىغلايدۇ تىنماي،
يىغلار ئۈنسىز گۈلدەك ئېچىلماي،
كەلگىن بۇنچە ۋەيرانە قىلماي،
دەردىم بولۇق سېنى سۆيمىسەم.
كېتەر چاغىم ، كېلەر يېقىنلاپ،
جان دوستۇممۇ كېتەر بېقىنلاپ،
غېرىپ قۇشتەك قالغايمەن يىغلاپ،
قەلبىم سونۇق سىنى سۆيمىسەم.
سەندىن باشقا بولغايمۇ دۇنيا،
سەنسىز دۇنيا سالغاي ئۇسۇلغا،
مەيلى ئوخشات قارانچۇق ، قۇلغا،
سۆيەرىم يوق سېنى سۆيمىسەم.
展开