SUYGU - Gupurjan·Kasim
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Gupurjan·Kasim
作曲 : Gupurjan·Kasim
سۆيگۇ بىلەن ھايات گۈزەلدۇر
سۆيگۇ بىلەن ئادەم گۇزەلدۇر
سۆيگۇ بىلەن كۇتكەن دىللاردا
ئازاپ يوقتۇر ئالەم گۇزەلدۇر
ماڭا باققىن نازىنىن دىلدار
جامالىڭغا تەشنامەن خۇمار
كۈلۇپ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن
قىلدىڭ مىنى ئاشىق بىقارار
ماڭا كۆيگەن ئەي قىران يىگىت
ئەلگە بەختىڭ ئاتىيالامسەن
ئانا يەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن
مىڭ ئۆلۇپ بىر ياشىيالامسەن
ھامان تەييار مەردانە يىگىت
سۆيگۇڭ ماڭا ھەمراھ بولسىلا
ئارمانىڭغا مەڭگۇ بولاي قۇل
تەندە جىنىم روھىم بولسىلا
ۋەدىلىرىڭ ئەقىدەڭ بولسا
مۇھەببىتىم ساڭا مەڭگۈ يار
خارلانمىسۇن شىرىن مۇھەببەت
پاك سۆيگۇمىز بولسۇن تىل تۇمار
展开