Kar - Ablikim-Ahmat
能正常播放的歌曲才可以下载
ئاسماندىن ياغقان قارلار
مېنىڭ ھالىمنى بىلمەيدۇ
ئاسماندىن ياغقان يامغۇرلار
بۇ ھالىمنى بىلمەيدۇ
مەن سۆيگەن ئاشۇ بىۋاپا
مېنىڭ قەدرىمنى بىلمەيدۇ
يانغان يۈرىكىم يېنىۋېرىدۇ
دەردىگە داۋا تاپالماي
سەنلا قىلغان ئارزۇلار
كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى
قەلبىمدىن چىققان سۆزلەر
ئاشىق بولۇپ كۈيلەندى
ئاشۇ بىۋاپا تەقدىرى
يىگانەگە ئايلاندى
يانغان يۈرۈكۈم يېنىۋېرىدۇ
دەردىگە داۋا تاپالماي
سۆيگۈمنى سېتىپ كېتىپ
مەيلى يار بەخىتلىك بۇلسۇن
يۈرەك ئۇ دەپ يىغلىسا
مەيلى قانچىلىك كۈلسۇن
ئىككىمىزنى ئايرىغان
بۇ بىر سىناق بولسۇن
يانغان يۈرىكىم يېنىۋېرىدۇ
دەردىگە داۋا تاپالماي
展开