Ademler Ulugh - Sanubar Tursun
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Muhammatjan Rashidin
作曲 : Sanubar Tursun
كۈنلەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر،
گۈللەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر .
ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم،
ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر.
تىلەمچىگە نان بېرەر بىرى،
كەپتەرلەرگە دان بېرەر بىرى.
زۆرۈر بولسا قان بېرەر بىرى،
ھەتتا جاننى بەرگىنى باردۇر.
ياتمىقى بار ئاغرىپ ساقنىڭمۇ،
سۇلمىقى بار سەيلىگاھنىڭمۇ.
دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ،
دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر.
دۇنيا تىلسىم، ئادەملەر ئۇلۇغ،
تىرىكلىككە ئادەم ئۆزى تۇغ،
يانغىنغا سۇ، زىمىستانغا چوغ،
شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر .
展开